|

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى :17–يانۋار چۈشتىن كېيىن ، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا توختى ئەخمەت ، تۇرسۇن ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئون ئەزا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قانداق قىلغاندا ھەم تېز ، ھەم ياخشى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ دېگەن تېمىلاردا پىكىر بايان قىلدى .
يىغىندا ، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ئەسقەت كەرىمباي ، نيې ۋېيگو ، فۇ چياڭ ، سۇڭ ئەيروڭ ، جۇ خەيلۇن قاتارلىقلار ئەزالارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى .
يىغىندا ئەزا دۇڭ جياۋلىڭ جۇڭگو دېموكىراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى تېخنىكا ماھىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار> ئۈچۈن ئوبدان مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا سۈن يۈخۇا ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش جەريانىدىكى<كەنتنى ئاھالە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش> خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بىر قانچە تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا ۋۇ چىلىن ‹‹شىنجاڭدىكى پۇل – مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى قانداق قوللىشى كېرەك›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا گاۋ لېچىن ‹‹ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا جاۋ يىڭزۇڭ ‹‹كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا تاڭ تيەنلىن دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ جۇغلاش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپ›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا توختى ئەخمەت ‹‹ئېقىن ھالقىپ سۇ تەڭشەپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا سۇ بىڭ جۇڭگو دېموكراتلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا›› دېگەن تېمىدا ئەزا تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ‹‹تارماقلارنىڭ فۇنكىسيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قارىتا نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرايلى›› دېگەن تېمىدا؛ ئەزا چيۇ دوڭجيۇ ‹‹ئېكسپورت يېمەكلىكلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى مۇھەممەد ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى . يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن ، ۋاڭ ۋېي ، ليۇ ياۋخۇا ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم ، بادەيلەر يىغىنغا قاتناشتى .

ئەزالار پىكىر بايان قىلماقتا
|