باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
首页>>ئىككى يىغىن
داباي نۇراكىن ئاپەت رايونىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى
2008- 01- 17 15:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

    سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن ئەزا داباي نۇراكىن مۇنداق دېدى: ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى كۈنەس، توققۇزتارا، نىلقا، تېكەس قاتارلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، ھۆل - يېغىن مىقدارى كۆپ، ناھىيە ئەتىراپىنى ئىگىز تاغلار ئوراپ تۇرغانلىقتىن، كۆپ يىللاردىن بۇيان تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەر دائىم يۈز بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ھەتتا مەملىكەت بويىچە گېئولوگىيىلىك ئاپەت ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

    ئەزا داباي نۇراكىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1998 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە، پەقەت كۈنەس ناھىيىسىدىلا بىر مىڭ 700 قېتىمدىن كۆپرەك تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 34 ئادەم ئۆلۈپ، بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن، 88 ئورۇندىكى 97 يۈرۈش ئۆي ۋە قوتان قاتارلىق ئەسلىھەلەر ۋەيران بولۇپ، 4 مىڭدىن ئارتۇق چارۋا ئۆلگەن. تاغ گۆمۈرۈلۈش سەۋەبىدىن 3 مىڭ 400 مو ئوتلاق، 600 مو تېرىلغۇ يەر، 20 كېلومېتىردىن كۆپرەك سۇ تۇرۇبا يولى، 6 ئورۇندىكى دۆلەت ۋە ئۆلكە تاشيولى، 80 مېتىر توك يەتكۈزۈش ئەسلىھەسى ۋەيران بولۇپ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

   كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، كۈنەس، توققۇزتارا، نىلقا، تېكەس قاتارلىق ناھىيىلەرنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە گېئولوگىيىلىك يۇشۇرۇن ئاپەت ساقلانغان بولۇپ، پەقەت كۈنەس ناھىيىسىدىلا 800 دىن ئارتۇق ئورۇندا يۇشۇرۇن ئاپەت ساقلانغان، يوشۇرۇن ئاپەت نۇقتىسى بارغانسىرى كۆپەيگەن. كۈنەس ناھىيسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق 763 ئائىلىدىكى 3 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئادەمنى كۆچۈرگەن، لېكىن يەنە 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 2 مىڭ 300 دىن ئارتۇق ئادەم كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن. گېئولوگىيىلىك ئاپەت ئېغىر رايونلاردىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى نۆۋەتتىكى موھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

   ئىلى ئوبلاستى ۋە ناھىيە، شەھەردىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ مالىيە كۈچى چەكلىك بولغاچقا، ئەزا داباي نۇراكىن ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ گېئولوگىيىلىك ئاپەت ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ