|
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كاپالىتى جەھەتتە ئىككى چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى.
ئەزا خۇاڭ چاڭيۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك 5 تۈرلۈك خىزمەت ئوتتۇرغا قويۇلدى، بىرىنچىسى مائارىپ، ئىككىنچىسى تىببىي داۋالاش، كېيىنىكى 3 تۈرلۈك خىزمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، كىرىم تەقسىماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جىددىي تۇتۇپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىنىكى 5 يىلدا، ئىككى چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىمىز، بىرىنچى نىشان، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيىلەش ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەسلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشسىزلار، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىشتىن شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىش؛ ئىككىنچى نىشان، شەھەر - يېزىلاردىكى بارلىق ئاھالىلەرنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. بۇ تۈزۈملەر تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ھەممە ئادەمنى ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمان قىلدۇرغىلى، پۈتۈن جەمئىيەتنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا، مۇھىم ئەمەلىي ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە .
|