باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىر بېرىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى
2008- 01- 17 15:02 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى

   بۇ يىلقى ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش،  ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. يىغىننىڭ باشلىنىشى بىلەن، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئەھمىيەتلىك تەكلىپ - لايىھىلەر كەينى- كەينىدىن سۇنۇلدى. 

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى تۇنا 4 تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 3 پارچە تەكلىپ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە تەكلىپ چارۋىچىلىق رايونىدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قوش تىللىق ئوقۇتۇش، چارۋىچىلىق رايونىدىكىلەرنىڭ شەھەر- بازارغا كۆچۈپ بېرىش، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش،نوپۇس قاتارلىق  بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ،چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقاندا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يېڭى ۋەزىيەتتە چارۋىچىلار ئولتۇراقلىشىش ۋە يېرىم ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا، كىرىم، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە دەۋر تەرەققىياتىغا  يېتىشش دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ بار›› .

    ئۇدا 3 نۆۋەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ۋۇ جيالىننىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ بىز ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتىمىز. مەركىزىي شەھەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى مەسىلىسى مەسىلەن: قاتناش، تۇرمۇش، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى  جەھەتتە زور يۈكسىلىش بولدى. ئەمما مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ قېتىمقى تەكلىپ- لايىھىلەرنىڭ بەزىلىرىدە قانداق قىلغاندا كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشىنى ئاممىغا بىلدۈرگىلى بۇلىدىغانلىقى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى بىر پارچە كۆك ئاسمان، ئەمما نىمىلەرنى قىلىش ۋە قانداق قىلىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. بىز ۋەكىل بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك›› .

   يېڭىدىن سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ سايلانغان زېڭ جېنباڭ نىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خەلقنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ يېڭىدىن سايلانغان بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن. ئالايلۇق پۇقرالارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، سۇغۇرتا، بىر تۇتاش پىلانلاش مەسىلىسى. بىز بۇ نوقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قىسىم تەكلىپ- لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىغا خاس مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز›› .

    يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇ يىل ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نوقتا مەسىلىلىرى بولۇپ قالدى. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان كانچىلىقتىكى مۇھىم بازار — كۆكتوقاي ناھىيىسىدىن كەلگەن نەچچە ۋەكىل ۋە ئەزا سانائەتكە توك ئىشلىتىشتە تورلاشتۇرۇپ ئوخشاش باھانى يولغا قويۇش، كۈيتۈن- بېيتۈن تۆمۈر يولىنى ئىمكانقەدەر بالدۇرۇر كۆكتوقاي ناھىيىسىگە تۇتاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدەك بىر قانچە تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە 17  پارچە تەكلىپ–لايىھە، 17 پارچە پىكىرنى تاپشۇرۇپ ئالدى. جۇملىدىن جۇڭگو - قىرغىزىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى زورايتىشمەسىلىسى قىزىق نوقتىلار ئىدى. چۆچەك ۋىلايەتلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەكلىپتە كونا چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈمىد قىلىنغان ئىدى.

   ئىككى يىغىننىڭ لايىھە، تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار تولۇپ–تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹يىغىن ئەمدىلا باشلاندى، كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتىكى ئاكتىپچانلىقىدىن قارىغاندا، بۇ يىلقى ئىككى يىغىن تەكلىپ -لايىھىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مول ھوسۇل يىلى بۇلۇپ قالغۇدەك›› .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ