|

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى : يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقى گۈلنىسا ياسىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش توغرىسىدا 10 تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئەيدىز كېسىلى ، تۇبېركۇلىيۇز كېسىلى ، يود كەملىك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئوتتۇرغا قويۇلدى . مەن بۇ مەسلىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولدى دەپ قارايمەن . مەن ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش– ساقلىقنى ساقلاش خىزمتىدىكى خادىملار قوشۇنىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ ، كەنت دەرىجىلىك ئامبۇلاتورىيىنى يۆلەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسلىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
|