|
ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 550 ۋەكىلى ئىچىدە، ئىشچى، دېھقان- چارۋىچى ۋەكىللىرى 165 بولۇپ، %30 نى ئىگىلىگەن؛ بۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭكىدىن %3.8 يۇقىرى بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ساھە پەرقى قۇرۇلمىسىدا ، كادىر 164 بولۇپ، %29.82 نى ئىگىلىگەن. بۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك قۇرۇلتايلاردىكىدىن %5.5 تۆۋەن بولغان؛ زىيالىي 114 بولۇپ، %20.73 نى ئىگىلىگەن؛ دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھ ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زادلار 71 بولۇپ، %12.91 نى ئىگىلىگەن؛ ئازادلىق ئارمىيە 25 بولۇپ، %4.55 نى ئىگىلىگەن؛
سايلانغان ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەكىل سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان، باشقا مىللەت ۋەكىللىرى سانىنىڭ ئومۇمىي ۋەكىل سانىدا ئېگىلەيدىغان نىسبىتى، نوپۇس سانىنىڭ ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان بولۇپ ، قانۇندا بېكىتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت سايلىمى توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگەرگە مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، پارتىيىسىز زاد 198 بولۇپ، %36 نى ئىگىلىگەن؛ ئاياللار 143 بولۇپ، %26 نى ئېگىلىگەن، بۇ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %1.4 يۇقىرى بولغان؛ ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغانلار 440 بولۇپ ، %80 نى ئىگىلىگەن . بۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكىدىن%6 يۇقىرى بولغان؛ 55 ياشتىن تۆۋەن ئوتتۇرا، ياش ۋەكىللەر 485 بولۇپ، %88.18 نى ئىگىلىگەن، بۇ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن%14.18 يۇقىرى بولغان.
ۋەكىللەر ئىچىدە، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىچىلار ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھىرلىرى، كەسپىي ئائىلە، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشقا يېتەكلىگەن باشلامچىلار ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار شەخسلەر بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىگەن؛ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سىياسىي- قانۇن، ئەدەبىيات- سەنئەت، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەكىللەر بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىگەن. سايلانغان ۋەكىللەر ئىلغارلىق، كەڭ دائىرلىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ۋەكىللەر ساپاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
|