باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ئىككى يىغىن
ئىلگىرىكىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتايلى
2008- 01- 16 11:44 شىنجاڭ گېزىتى

—شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى يىلدىكى يېڭى كەيپىيات

   ئۇلۇغ 2008–يىلى باشلىنىشى بىلەنلا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، گوۋۇيۈەننىڭ‹‹ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرنەچچە پىكىر››ى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان مۇھىم يىغىن، شۇنداقلا بىرقېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىش يىغىنى بولۇپ، تەسىرى زور، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرمىللەت  ۋەكىللىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

   ئۆتكەن بەش يىل، شانلىق بەش يىل. بىز سارس يۇقومى ۋە يەرتەۋرەش قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىلەرئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ  تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى  چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا ئىشلەپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققياتىنى  تېزلىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپاقىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ بەش يىل،  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى  ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان بەش يىل بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ، پۇختا ئاساس سالدى.

   ئۆتكەنكى بەش يىل،  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بەش يىل. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا يۈكلەنگەن تۈرلۈك ھوقۇقنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى.

   ھازىر يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرماقتىمىز. يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئىچىشتەك يېڭى تەرەققىيات تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىلاشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت  ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ماسلاشتۈرۈش، سۈپەت، سۈرئەت، ئۈنۈمنى ماسلاشتۈرۈش، ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش، ئېكسپورتنى ماسلاشتۈرۈش، نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنى ماسلاشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيىتىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي، جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش —  دەۋر دۆلەتنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگىنىغا يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك بۇرچ. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرمىللەت ۋەكىللىرى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹11 – بەش يىللىق›› دىن كېيىنكى ئۈچ يىل ھەتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى يېڭى نىشانى، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلەيدۇ ھەم يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەخەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئۈستىگە ئالغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تارىخىي بۇرچقا مۇناسىپ ھالدا خەلق بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇقنى ياخشى يۈرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش بولۇشقا تۈرتكە بولالايدۇ.

  شانلىق نەتىجىلەر ئالغا ئىنتىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرماقتا، گۈزەل ئىستىقبال جەسۇرانە ئىلگىرىلىشىمىزگە زور تۈرتكە بولماقتا. روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ،خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ يارقىن يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى!
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ