|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 15 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى .
قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن بىر ۋەكىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىرىنچى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. دوكلاتتا مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خېلى كۆپ تىلغا ئېلىندى، بولۇپمۇ مائارىپ بىلەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ‹‹قوش تىل››ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە. ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئاددىي بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھام ئالدىم . مەن ئۆزەمنىڭ خىزمەت ئورنۇمدا ‹‹قوش تىل››ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
ئاقسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن جياڭ جيەن شۈن ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇۋەققەت رەئىس نۇر بەكرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم . دوكلاتتا سەككىز نۇقتا بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلدى . بەش يىللىق تەرەققىيات تەلىپى توققۇز نۇقتا بويىچە ئوتتۇرغا قويۇلدى. بىز پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھى ۋە گوۋۇيۇەننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز .

|