|

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى : 15 –يانۋار چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ، مۇزاكىرە ئېلىپ باردى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى .
نۇر بەكرى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەتتا مەملىكەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ، ئىجتىمائىي سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ ، گۈللەنگەن ، ئىناق قەشقەر قۇرۇپ چىقىش بۇنىڭدىكى كېيىنكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ ، تېخىمۇ ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم .
ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : مەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشىدىغانلىقىغا ، قەشقەر ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىدا چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ ، بۆسۈش خارەكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېلىپ بارماقتا
|