|

ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 14–يانۋار چۈشتىن كېيىن 1– قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىن ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامىدنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىنى سايلاپ چىقتى. ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ لېچۈەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى؛ يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئىسىملىكى ۋە يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.
يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنىنىڭ باش كاتىپى جاڭ گولياڭنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە– ئىقتىساد كومىتېتى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار(لاھىيىگە) بەرگەن ئىزاھاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ھەمدە بۇ قارار(لاھىيە)نى ماقۇللىدى. ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غولغولا قىلىشىغا تارقىتىپ بىرىلدى. چوڭ يىغىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى، مالىيە– ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى (لاھىيە) ماقۇللاندى.ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىپ بىرىلدى. چوڭ يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلدى. ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە قارار ماقۇللاش چارىسى (لايىھە) ماقۇللاندى ۋە ئۇنى ھەر قايسى ئۆمەكلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىپ بىرىلدى. يىغىندا يەنە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1– ئاينىڭ 18–كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10دا توختىتىش بېكىتىلدى.
|