|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

جاڭ زوزۇ تەربىيلەش كۇرسىدا دەرس سۆزلىمەكتە
ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى : خەلق سىياسىي كېڭىشنىڭ خارەكتېرى ، ئورنى ، رولى ۋە ئىقتىدارىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدىغان ، لاياقەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يېتىشتۈرىدىغان تەربىيلەش كۇرسى 12 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى1 – يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ئەزا بۇ قېتىمقى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتى .
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ زوزۇ خەلق سىياسىي كېڭىشنىڭ خارەكتېرى ، ئورنى ، رولى ۋە ئىقتىدارى ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق ، مەجبۇرىيىتى ھەمدە قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولغىلى بولىدۇ دېگەن تېمىلاردا دەرس سۆزلىدى .

تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس تىڭشىماقتا


تەربىيلەشكە قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى
|