|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: 12– يانۋار چۈشتىن كېيىن ، سىياسى كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلق 10– نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى . ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ زوزۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يىغىننىڭ تەييارلىق ئەھۋالى ۋە يىغىندا مۇھاكىمە قىلىندىغان مەسىلىلەرنى ئۇقتۇردى .
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە ، سىياسى كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10– نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 13 – يانۋاردىن 20 – يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىش قارار قىلىنغان بولۇپ ، يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى كۆرۈپ چىقىلىدىكەن .
|