باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>مەخسۇس خەۋەرلەر
پارتىيىمىز چىرىكلىك بىلەن زادىلا چىقىشالمايدۇ
2007- 11- 30 11:30 شىنجاڭ گېزىتى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوتسېنتى جاڭ لەنخۇا

   جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىپىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئىستىل مەسىلىسى ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كەسكىن خىرىس شەكىللەندۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، چىرىكلىشىش ھادىسىسىنى داۋاملىق چەكلەپ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹پارتىيىنىڭ پاسسىپلىق، چىرىكلىك بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتى بەلگىلىگەن›› لىكى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيىمىزدىن ئىبارەت 73مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيىنىڭ چىرىكلىك ھەققىدىكى قەتئىي پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى. سۇ لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرەلەيدۇ، لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوت سۇنى قۇرۇتۇۋېتەلەيدۇ. ئوت بىلەن سۇ چىقىشالمايدۇ، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

   پارتىيىنىڭ 17–قۇرۇلتىيىدا پارتىيىمىزنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدىكى‹‹ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش›› تەك قىممەتلىك تەجرىبىسى يەكۈنلىنىش بىلەن بىللە ‹‹پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى›› تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىشىشنى مەنبەسىدىن تۈزەشنىڭ دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىدە ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پاكلىق مەدەنىيىتى—پاكلىقنى ئىدىيىۋى مەزمۇن، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىپادىلىنىش شەكلى قىلغان مەدەنىيەت بولۇپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىنىڭ مەھسۇلى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ يېتەكچىلىك سالمىقىنى كۈچەيتىپ، كونا قاراشلارنى تۈگىتىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىشچان، ئىلغار پاكلىق مەدەنىيىتى بىلەن ئىدىيىۋى بازىنى ئىگىلەش، بۇ ئارقىلىق قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇش  – ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىدىيىۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش –  پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پاكلىق مەدەنىيىتىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى ۋە كەسپ ئەخلاقى تەربىيىسىگە سىڭدۈرۈش، خەلق مائارىپىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر بىر پۇقراغا چىرىكلىشىش ھادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تەدرىجىي تونۇتۇش، جەمئىيەتتە ‹‹پاكلىق شەرەپ، چىرىكلىك نومۇس››دەيدىغان جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا پايدىلىق ئەخلاق مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك. پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەت، مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇتۇپ، ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش،  مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى قاتتىق جازالاشنىمۇ چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر  يېڭى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك.
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ