|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ‹‹ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش››ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى تەلىپى قىلىنغانلىقىدا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپ كۆزدە تۇتۇلغان:
بىرىنچى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى—جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ماركسىزم مۇنداق قارىغان: مەدەنىيەت ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەھسۇلاتىغا قارىتىلغان، ئۇ ئىجتىمائىي ئىقتىساد ۋە سىياسىينىڭ مۇئەييەن ئىنكاسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئىقتىساد ۋە سىياسىيغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پارتىيىمىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پارتىيىمىز يەنە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت قۇرۇلۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى بۇ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتىدە ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ئىنكاسىدۇر، ئۇ يەنە ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغاندىلا ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتىگە، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، ئەقلىي مەدەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش—پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول. ئېلىمىز 1 مىليارد 300مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىزنىڭ ماركسىزمنىڭ ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئالغا سىلجىتىش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيىۋى – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق غايىسى، ئېتىقادى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا ئىدىيە – ئەخلاق جەھەتتە پۇختا ئاساس سېلىشقا؛ دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
ئۈچىنچى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش—ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم كۈرەش نىشانى. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش—دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ ئېھتىياجى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ ئېھتىياجى. ھازىر دۇنيادا مەدەنىيەتنىڭ رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلەيدىغان سالمىقى بارغانسېرى ئېشىپلا قالماستىن، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىمۇ خەلقئارا سودا ۋە خەلقئارا رىقابەتتە مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى. مەدەنىيەت ساھەسىمۇ خەلقئارا سىياسىي كۈرەش ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئېلىشىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى قىلماقتا. پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا قايتا مۇنداق تەكىتلەندى:‹‹مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ياخشى ئىدىيە ئەخلاق ۋە ئىستىلنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاپلىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى روشەن ئۆستۈرۈش، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىش كېرەك››. بۇ تەلەپلەرنى ياخشى ئورۇنداش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ خەۋىرى)
|