|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى : 1972 – يىلى 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى فېدراتىپ گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان . (1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى دېموكراتىك گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ) . يېقىنقى يىللاردىن بېرى گېرمانىيە – جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز ئارا پايدىلىق دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىلگىرلەشلەر بولدى . خەلقئارالىق ئىشلاردا كېڭىشىش بىلەن ھەمكارلىق كۈنسايىن كۈچەيدى . بۇ جەرياندا ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز ئارا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتلەردە گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى .
|