باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە سەپەر>>گېرمانىيە
سىياسىي، ئىقتىساد، مائارىپ
2007- 11- 12 16:13 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

    سىياسىتى : ‹‹ گېرمانىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى›› 1954 – يىلى 5–ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان . 1956 – يىلى ، 1968 – يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن . ‹‹ئاساسىي قانۇن››دا گېرمانىيە فىدراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ ، دېپلوماتىيە ، دۆلەت مۇداپئەسى ، پۇل ، تاموژنا ، ئاۋىئاتسىيە ، پوچتا – تېلېگراف قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى فىدراتسىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلەت ھاكىميەت تۈزۈلمىسى پارلامېنت جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ ، فېدراتسىيە زۇڭتۇڭى دۆلەت باشلىقى بولىدۇ . پارلامېنت بولسا فېدراتسىيە پالاتا ۋە فېدراتسىيە كېڭەش پالاتاسىدىن تەشكىل تاپىدۇ . فېدراتسىيە پالاتاسى قانۇن تۇرغۇزۇش ، قانۇننىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە نازارەتچىلىك قىلىش ، فېدراتسىيە زۇڭلىسىنى سايلاش ، فېدراتسىيە زۇڭتۇڭىنى سايلاش ۋە فېدراتسىيە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ھوقوقلارنى يۈرگۈزىدۇ . فېدراتسىيە پالاتاسى سايلىمى تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلدۇ . سايلامدا غەلبە قىلغان سىياسىي پارتىيە ياكى ئىتتىپاقداش پارتىيەنىڭ مىنىستىرلار كابېنتىنى تەشكىللەش ھوقۇقى بولىدۇ . گېرمانىيىدە ئىككى بېلەتلىك سايلام تۈزۈمى يولغا قويىلىدۇ . گېرمانىيىنىڭ ‹‹ سايلام قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن 18 ياشقا تولغان گېرمانيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسىنىڭ سايلام ھوقۇقى بولىدۇ . 

   ئىقتسادى : گېرمانىيە – يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ياۋروپادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . گېرمانىيە تاۋار ئېكىسپورت قىلدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ ،  سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىندۇ . گېرمانىيەنىڭ ئېكىسپورت سوممىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .گېرمانىيىدە ئۈچتىن بىر قىسىم خىزمەتچى خادىملار ئېكىسپورت ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ . ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى :ماشىنا ، ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ، تىرانسىپورت ئەسلىھەلىرى ، خىمىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە پولات – تۆمۈر قاتارلىقلار بار . ئىمپورت قىلدىغان مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى ، ئېلىكتىر ئەسۋابلىرى ، تىرانسىپورت ئەسلىھەلىرى ،ئاپتوموبىل ، نىفىت ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىقلار .غەربتىكى سانائەت دۆلەتلىرىنى ئاساسلىق سودا ئوبىكتى قىلىدۇ . گېرمانىيە سانائىتىدە ئېغىر سانائەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ  ، ماشىنا ، خىمىيە سانائىتى ، ئېلېكتىرىك قاتارلىقلار پۈتۈن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40 تىنى كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ . يېمەكلىك ، توقۇمچىلىق ، كىيىم – كېچەك ، پولات تۆمۈر پىششىقلاپ ئىشلەش ، كانچىلىق ،نازۇك ئۈسكۈنە ، ئوپتىكا ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان . گېرمانىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكىمۇ تەرەققىي قىلغان . دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەر مەيدانى گېرمانىيەنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمى ئىگەللەيدۇ . ساياھەتچىلىك ، قاتناش تىرانسىپورت ئىشلىرى تەرەققى قىلغان . گېرمانىيە پىۋا ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ ، پىۋا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . گېرمانىيە ئەڭ بۇرۇن ماگىنىتلىق لەيلىمە تۆمۈر يول تېخنىكىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىققان دۆلەت . 2002 – يىلى 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سائەت 24 دىن باشلاپ ، گېرمانىيە مارك ئوبۇرتىنى رەسمىي توختىتىپ ، ياۋرونى گېرمانىيىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى قىلىپ ئىشلىتىشنى باشلىغان . گېرمانىيە تۇنجى تۈركۈمدە ياۋرو ئىشلەتكەن 11 دۆلەتنىڭ بىرى .

   مائارىپ : گېرمانىيىدە 12 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيسى يولغا قويۇلغان ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز ، دەرسلىك كىتاب قاتارلىق ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنىڭ بىر قىسمى كەچۈرۈم قىلىنغان . باشلانغۇچ مەكتەپ تۈزۈمى 4 – 6 يىلغىچە ، ئوتتۇرا مەكتەپ 5 – 9 يىلغىچە بولىدۇ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتا ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بار .

   ئاخباراتچىلىق ئىشلىرى : گېرمانىيىنىڭ ئاخباراتچىلىق ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان . گېزىت – ژورناللارنىڭ تۇرى كۆپ . 1999 – يىلى نەشىر قىلىنغان گېزىتتىن 367 خىلى بار بولۇپ ، 380 نەشىرىيات ۋە 135 تەھرىرلەش بۆلۈمى نەشىر قىلىپ تارقاتقان . ئومومىي تراژى 25 مىليون پارچە ، كىشى بېشىغا ئىگەللەيدىغان مىقدارى دۇنيادا 4 – ئورۇندا تۇرىدۇ . ژورنالنىڭ تۈرى 1600خىلدىن ئارتۇق بولۇپ ، ئومۇمىي تراژى 100 مىليون 400 مىڭ پارچىگە يېتىدۇ . ھەر خىل كەسپىي ژورناللار 8000 خىلدىن ئاشىدۇ . 1994 – يىلى گېرمانىيىدە ئاخبارات نەشرىيات كارخانىلىرى2661 گە ، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىم 263مىڭغا يېتىدۇ . تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان گېزىت ‹‹ سۈرەتلىك گېزىت›› بولۇپ ، 1999 – يىلى ئىككىنچى پەسىللىك تارقىلىش مىقدارى 4 مىليون 510 مىڭ پارچىغا يەتكەن . بۇنىڭدىن باشقا مەملىكەت خارەكتېرلىك چوڭ گېزىتتىن  ئاساسلىقى‹‹ جەنۇبىي گېرمانىيە ئىرادە گېزىتى›› ، ‹‹فىرانكفورت دوكلاتى گېزىتى›› ،‹‹دەۋر›› ھەپتىلىك گېزىتى ، ‹‹دۇنيا گېزىتى›› قاتارلىقلار بار . ئەڭ چوڭ يەرلىك گېزىت ‹‹ غەربىي گېرمانىيە دوكلاتى›› گېزىتى بولۇپ، تارقىتىلىش مىقدارى 1مىليون 130 مىڭ پارچىگە يېتىدۇ . گېرمانىيەدىكى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن :  (1)گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، 1949 – يىلى قۇرۇلغان ، خۇسۇسىي پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى بولۇپ گېزىت ، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ئاخباراتى قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق بۆلۈم تەسىس قىلىنغان ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . باش ئاگېنتلىق ھامبۇرگقا ، سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى تەھرىرلەش باش بۆلۈمى فرانكفۇرتقا جايلاشقان .  دۆلەت ئىچىدە 50 دىن ئارتۇق شەھەرلەردە تارماق ئاگېنتلىقى تەسىس قىلىنغان. (2)گېرمانىيە تېلېگراف ئاگېنتلىقى : 1971 – يىلى قۇرۇلغان . باش ئاگېنتلىقى بونىندا . گېرمانىيىدىكى مۇھىم رادىئو ئىستانىسسىلىرىدىن: (1) گېرمانىيە رادىئو ئىستانىسىسى ، فىدراتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئوبلاستلىق رادىئو ئىستانىسىسى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەت ئىچىگە ئاڭلىتىش بېرىش . (2) گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانىسىسى ،1960– يىلى قۇرۇلغان . فىدراتسىيە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان . 31 خىل تىلدا پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە 11 ئوبلاستلىق رادىئو ئىستانىسىسى بار . مەملىكەتتىكى ئاساسلىق تېلېۋىزىيە ئىستانىسىلىرىدىن (1) گېرمانىيە بىرىنچى تېلېۋىزىيە ئستانىسى ( ARD) ؛ (2) گېرمانىيەئىككىنچى تېلېۋىزىيە ئستانىسى (ZDF)قاتارلىقلار بار .  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ