|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)
جۇغراپىيىلىك ئورنى : گېرمانىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ، شەرق تەرىپى پولشا ، چېخ بىلەن قوشنا ، جەنۇبى ئاۋستىرىيە ، شۋېتسارىيە ، گوللاندىيە ، بېلگىيە ، ليۇكسىبمبورگ ، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ ياۋروپادىكى قوشنا دۆلەتلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت . ئومۇمىي يەركۆلىمى 357 مىڭ 222 كۋادرات كىلومېتىر(1999 – يىلى 12 – ئاي) . يەر تۈزۈلۈشى شىمال تەرىپى پەس ، جەنۇب تەرىپى ئېگىز بولۇپ ، يەر تۈزۈلۈشى تۆت رايونغا بۆلىنىدۇ : شىمالىي گېرمانىيە تۈزلەڭلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى100 مېتىرغا يەتمەيدۇ ؛ ئوتتۇرا گېرمانىيە تاغلىق رايون بولۇپ ، شەرقتىن غەربكە قاراپ سوزۇلغان ئېگىزلىكتىن تۈزۈلگەن ؛ غەربىي جەنۇبى رېين جىلغىلىق رايونلىرى بولۇپ ، ئىككى تەرىپى تاغلىق ، تىك يارلىق ؛ جەنۇبى ياۋارىيە ئىگىزلىكى ۋە ئالىپ تاغ تىزمىسى ، بۇنىڭ ئىچىدە بايرېن ئالىپ تاغ تىزمىسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا زۇگا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2963 مېتىر بولۇپ ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققا . غەربىي شىمال تەرىپىنىڭ دېڭىز ئوكيان ھاۋا كىلىماتى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ ، شەرقتىن ، جەنۇبقا قاراپ تەدرىجى چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلماتى كۆرۈلىدۇ . ھاۋا كىلماتى تەخمىنەن 7– ئايدا ℃19~℃14، 1– ئايدا ℃1~℃5 ئەتىراپىدا بولىدۇ . يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 1000 ~500 مىللىيمېتىر بولۇپ ، تاغلىق رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ .
نوپۇسى : 82 مىليون 310 مىڭ (2006 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ستاتىستىكا ) ، ئاساسلىقى نېمىسلار ،ئاز ساندا دانىيىلىكلەر ۋە سوربىئان مىللىتى بار . گېرمانىيىدە 7 مىليون 288مىڭ چەت ئەللىك بار بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %8.8 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاھالىنىڭ %31.75 ى خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ ، %32.06 ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ (2002 – يىلنىڭ ئاخىرى) .
پايتەختى : بېرلىن ، نوپۇسى : 3 مىليون395 مىڭ (2006 – يىلى 12 – ئاي) ، يىللىق ئوتتۇرچە ھاۋا كىلماتى℃8.6 .
گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى : بىراندېنبورگ دەرۋازىسى — ئورنى بېرلىن شەھەر مەركىزىدىكى فىكوس دەرىخى كوچىسى بىلەن 17 – ئىيۇل چوڭ كوچىسىنىڭ قوشۇلغان جايىدا بولۇپ ، بېرلىن شەھەر رايونىدىكى داڭلىق ساياھەت رايونى ۋە گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى : فېدراتسىيە ، ئوبلاسىت ، ۋىلايەت دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ . جەمئىي 16 ئوبلاسىت ، 14 مىڭ 808 رايون بار .
|