باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە سەپەر>>نورۋېگىيە
سىياسىي ، ئىقتىساد ، ئاخبارات ئىشلىرى
2007- 11- 09 18:38 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

      سىياسىتى : ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان ئاساسىي قانۇن 1814 – يىلى 5 – ئاينىڭ 17– كۈنى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، كېيىن كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن . ئاساسىي قانۇندا نورۋېگىيىدە  پادىشاھلىق تۈزۈم يۈرگۈزۈلىدۇ ،  پادىشاھ بولسا دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى  ، قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ قوماندانى ، بىراق پارلامېنتنى تارقىتىش ھوقۇقى بولمايدۇ . پارلامېنىت يۇقىرى تۆۋەن ئىككى پالاتادىن تەشكىل تاپىدۇ  . قانۇن بەلگىلەشتە ئالدى بىلەن تۆۋەن پالاتا مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن يۇقىرى پالاتا مۇزاكىرە قىلدۇ ، باشقا ئىشلارنى ئىككى پالاتا بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىدۇ .

      ئىقتىسادى : نورۋېگىيە — ھازىرقى زامان سانائىتىگە ئىگە بولغان تەرەققىي قىلغان دۆلەت . ھازىر ئېچىشقا بولىدىغان خام نېفىتنىڭ زاپىسى  4 مىليارد 280 مىڭ كۇب مېتىر ، تەبئىي گاز 4 تىرلىئون كۇب مېتىر .  ئۇنىڭدىن باشقا كان بايلىقلىرىدىن:  كۆمۈر 200 —500 مىليون توننا ، تۆمۈر 30 مىليون توننا ، تىتان 18 مىليون توننا كېلىدۇ . سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ ، ئېچىشقا بولىدىغان سۇ ئېلېكتر بايلىقى تەخمىنەن بىر تىرلىيون 870 مىليون كىلوۋات —سائەت بولۇپ ، ئېچىلغىنى %63 . شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىدا  دۇنياغا داڭلىق بېلىقچىلىق مەيدانى بار . يېزا ئىگىلىك يەر كۆلىمى 10 مىڭ 463 كۋادرات كىلومېتىر ، بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق ئوتلاق يەر كۆلىمى 6329 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئۆزىنى قامدىيالايدۇ ، ئاشلىقنى ئاساسەن ئىمپورت قىلىدۇ . سانائەت دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئاساسلىق ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن ماشىنسازلىق ، سۇ —ئېلېكتر ، مېتاللۇرگىيە ، خىمىيە سانائىتى ، قەغەز ياساش ، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە كېمىسازلىق قاتارلىقلار بار . غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ ، ماگنىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سىلتسىي تۆمۈر قېتىشمىسى مەھسۇلاتىنىڭ كۆپ قىسمى ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. 70 – يىللاردا نېفىت سانائىتى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تۈۋرىكىگە ئايلانغان بولۇپ ، غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقرىدىغان دۆلەت . ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن ئوسلو ، بىرگېن ، روروس قاتارلىقلار بار .

      ئاخباراتچىلىق ئىشلىرى : 1999 – يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە نەشىردىن چىققان ھەر خىل گېزىتلەر 65 خىل بولۇپ ، كۈندىلىك تارقىتىش مىقدارى 2 مىليون 290 مىڭ پارچىغا يېتىدۇ . باشقا ژورناللار تەخمىنەن 110 خىلغا يېتىدۇ . ئاساسلىق گېزىتلەردىن ‹‹پوچتا كەچلىك گېزىتى›› ، ‹‹ دۇنيا يولى گېزىتى›› ، ‹‹كۈندىلىك گېزىت›› ، ‹‹بېرگىن گېزىتى›› قاتارلىقلار ، بۇنىڭ ئىچىدە تارقىتىش مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغىنى ‹‹دۇنيا يولى گېزىتى›› .( NRK )  دۆلەتلىك رادىئو ئىستانىسىسى  1933– يىلى قۇرۇلغان .

      نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 1867 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، نورۋېگىيىدىكى بىردىنبىر ئاگېنتلىق ، باش ئاگېنتلىق نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا قۇرۇلغان بولۇپ ، نورۋېگىيە گېزىتچىلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى خاراكتىرىنى ئالغان .  دىرېكتور ۋە باش تەھرىر كومىتېت يىغىنىدا تەيىنلىنىدۇ . نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسلىقى مەملىكەتتىكى 115 گېزىتخانا  بەرگەن قەلەم ھەققى ۋە سۈرەت تىزىملاش ھەققىگە تاينىدۇ . نورۋېگىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پارلامېنتتا مەخسۇس خەۋەر گۇرۇپپىسى بار . بۇ ئاگېنتلىق شىمالىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بىلەن قۇيۇق ئالاقە ھەمكارلىقى ئورناتقان .ئۇلارنىڭ يەنە بېيجىڭ ، موسكىۋا ، ۋاشىنگىتون ، بويىنغا ئەۋەتكەن دائىم تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى بار . نورۋېگىيە ئاگېنتلىقى 1974 – يىلىدىن باشلاپ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان .  

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ