باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە سەپەر>>شىۋېتسىيە
سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيىتى
2007- 11- 09 16:53 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

     سىياسىي : ھازىر ئىجىرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن — ھۆكۈمەت قانۇنى (1809 – يىلى بېكىتىلگەن، 1974 – يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى (1810 – يىلى بېكىتىلگەن ، 1979 – يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك قانۇنى (1949 – يىلى بېكىتىلگەن)دىن ئىبارەت ئۈچ نېگىزلىك قانۇندىن تەركىپ تاپقان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارلامېنت تەشكىلىي قانۇنى (1866 – يىلى بېكىتىلگەن، 1974 – يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) مۇ بار . شۋېتسىيە ئاساسىي قانۇندا  پادىشاھلىق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ باش قوماندان بولۇپ ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارلاشمايدۇ . پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ ، پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ . پادىشاھنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ .

     ئىقتىسادىي:  شۋېتسىيەنىڭ تۆمۈر كان بايلىقى ، ئورمان ۋە سۇ كۈچى بايلىقى ئىنتايىن مول . شۋېتسىيىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تۆمۈر كان بايلىق زاپىسى 3 مىليارد 650 مىليون توننا بولۇپ ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت . ئورماننىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %54 ، ھەر يىلى ئىشلىتىلىدىغان سۇ بايلىقى 20 مىليون 140 مىڭ كىلوۋات  .

     شۋېتسىيىنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى كانچىلىق ، ماشىنسازلىق ، ئورمان ھەمدە قەغەز ياساش سانائىتى ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ، خىمىيە سانائىتى ، تېلېگراف ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان . ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا ھەر خىل ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى ، قەغەز ياساش ئۈسكۈنىسى ، تۆمۈر رۇدا تاشلىرى ، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار . ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان  مەھسۇلاتلار يېمەكلىك ، تاماكا ، كىيىم – كېچەك ، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

     شۋېتسىيىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %6 نى ئىگىلەيدۇ . دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق ، گۆش مەھسۇلاتلىرى ، توخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدۇ . سەي – كۆكتات ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدۇ .

     شۋېتسىيە يۇقىرى خەلقئارالاشقان دۆلەت بولۇپ ، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز . تېلېگراف ، دورا ياساش ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە  .

     مەدەنىيىتى : توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى ، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ، خان جەمەتى سانائەت ئىنىستىتوتى ، ستوكھولم سودا ئىلمىي ئىنىستىتوتى قاتارلىقلار بار . شۋېتسىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ، قىزغىن ، سەمىمىي ، گەپ سۆزلىرى مەدەنىي ، ئىش ھەركىتى تەرتىپلىك ، مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، تەبئەتنى قىزغىن سۆيىدۇ . ياللانما خادىملار ھەر يىلى بەش ھەپتە قانۇندا بەلگىلەنگەن مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ . ھەر ھەپتىدە بەش كۈن خىزمەت قىلىدۇ . پۈتۈن يىللىق خىزمەت ۋاقتى 15 مىڭ سائەتكە يېتىدۇ . بۇ يەردىكى كىشلەر دەم ئېلىش ۋاقتىدا دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . كۈندۈز ئۇزۇن ، كېچە قىسقا . ياز پەسلىدە كۆپچىلىك باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ . شۇڭا شۋېتسىيە دۇنيادىكى چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . تەنتەربىيە پائالىيىتىنى شۋېتسىيىلىكلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ . شۋېتسىيە گورسانبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2002 – يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، ئېنتىرنت تورى شۋېتسىيەدە ئەنئەنىۋى گېزىتتىن ئېشىپ كەتكەن . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، ئاياللار رادىئو ئاڭلاش ۋە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدۇ ، ئەرلەر بولسا تېلېۋىزور خەۋەرلىرىنى كۆرۈش ، ھەر خىل مەزمۇندىكى فىلىملارنى كۆرۈش ۋە كەچلىك گېزىت ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلار تورغا چىقىش ، كىتاب ئوقۇش ۋە كەسپى ژورناللارنى كۆرىدۇ . مائارىپ تەربىيىسى تۆۋەنرەك بولغانلار ئادەتتە تېلېۋىزور كۆرۈش ، رادىئو ئاڭلاش ۋە كەچلىك گېزىت ئوقۇيدۇ .

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ