باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە سەپەر>>شىۋېتسىيە
شۋېتسىيىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى
2007- 11- 09 16:28 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

   جۇغراپىيىلىك ئورنى : شىمالىي ياۋروپا سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان . شەرقىي شىمال تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن تۇتىشىدۇ ، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن قوشنا ، شەرقىي بالتىق دېڭىزىغا ، غەربىي جەنۇپ تەرىپى شىمالىي دېڭىزغا يېقىن ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 450 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر . يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيسايغان . شىمال تەرىپى نوردلان ئېگىزلىكى ،  مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىنۇ كەيسېر چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپى ھەمدە دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق . ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلىنىڭ كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەخمىنەن %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە بولسىمۇ ، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە ، ئەڭ جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە .

    ۋاقىت پەرقى : بېيجىڭ ۋاقتىدىن 7 سائەت كېيىن (ھەر يىلى 3 – ئايدىن 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىمالىي ياۋروپا يازلىق ۋاقىت قوللانغاچقا ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 1 سائەت قىسقىرايدۇ ).

   نوپۇسى : 9 مىليون 120 مىڭ (2007 – يىلى 2 – ئايدىكى ستاتىستىكا ) . نوپۇسنىڭ %90 ى شۋېتسىيلىك (گېرمان مىللىتىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادى) ، چەت ئەللىك كۆچمەنلەر ھەمدە باشقا ئۇرۇق ئەۋلادلىرى تەخمىنەن 1 مىليون (بۇنىڭ ئىچىدە %52.6 چەت ئەللىك مۇھاجىر) . شىمال قىسمىدىكى سامى مىللىتى بۇ يەردىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ ، تەخمىنەن 10 مىڭ نوپۇسى بار . ئۇلار شۋېتسىيە تىلىنى قوللىندۇ . %90 خەلق خرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .

   پايتەختى : ستوكھولم ، شەھەر نوپۇسى 780 مىڭ 300 گە يېتىدۇ (2006– يىلى 12 – ئايدىكى ستاتىستىكا ) .

  مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى : پۈتۈن مەملىكەت 21 ئۆلكە ۋە 289 شەھەرگە بۆلىنىدۇ . ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ، ئۆلكە ، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار . 
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ