باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتكە سەپەر>>باش خەۋەر
مەدەنىيەت ئەلچىلىرى ياۋروپادا
2007- 11- 09 16:07 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

       گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ، جۇڭگونىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ، جۇڭگونىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، جۇڭگونىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلكى ›› پائالىيىتى 2007 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە شېۋىتسىيە ، نورۋېگىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتىكى يەتتە شەھەردە  ئېلىپ بېرىلدى .شىنجاڭنىڭ  مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت – سەنئەت نومۇرلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىلىرى بۇ دۆلەتلەردىكى 10 مىڭلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . 

     بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى ئايرىم – ئايرىم  ئۆمەك باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى . ۋەكىللەر ئۆمىكى بولسا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى ، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن خادىملار ، مۇخبىرلار ھەمدە شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى سەنئەتكارلاردىن بولۇپ  جەمئىي 48 كىشىدىن تەشكىل قىلىندى .

     ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلكى›› پائالىيىتى— ناخشا – ئۇسسۇل ؛ فوتو – سۈرەت رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ‹‹80 پارچە ئەسەر ›› ؛ ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسى ‹‹ 30 پارچە ئەسەر›› ؛كىنو – فىلىم كۆرگەزمىسى ‹‹ تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى›› ۋە ‹‹ گۈزەل ئائىلە ›› فىلىمى ؛  تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك فىلىم كۆرگەزمىسى ‹‹ سېھىرلىك شىنجاڭ ›› ، ‹‹ شىنجاڭنىڭ  تەسىرى›› ، ‹‹ شىنجاڭ ياخشى جاي››؛ شىنجاڭنىڭ كىيىم – كېچەك ، زىبۇ – زىننەتلىرى كۆرگەزمىسى ‹‹ 28 پارچە ›› ؛ شىنجاڭنىڭ چالغۇ ئەسۋاپلىرى ۋە قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى شۇنداقلا  شىنجاڭ تۇنۇشتۇرۇلغان نەشىر بۇيۇملىرى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە  شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولم ،  ئېسكىلستۇنا شەھىرى ، نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو ، تىرومسې شەھىرى ، گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بىرلىن ، فرانكفۇرت ۋە دوسسېلدورف شەھەرلىرىدە مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى . بۇ جەرياندا ، 12 مەيدان ئويۇن ۋە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلدى ، ئۈچ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى ، تۆت مەيدان كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى ، 2 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات بۇيۇملىرى تارقىتىلدى.

    ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلكى›› پائالىيىتى بۇ ئۈچ  دۆلەتنىڭ  ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەرلەر قاناللىرىدا  كۆپ مىقداردا  ئوبرازلىق ، جانلىق خەۋەر قىلىنىپ ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ  يۈكسەك باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى . بۇ قېتىمقى پائالىيەت ياۋروپا ئەللىرىگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تونۇتۇش مەقسىتىگە يەتتى .  بۇ پائالىيەت ياۋروپا ئەللىرىگە جۇڭگونى شۇنداقلا  شىنجاڭنى تونۇتۇپ ، بۇ ئەللەردە ‹‹ جۇڭگو قىزغىنلىقى›› دولقۇنىنى قوزغىدى .  
 

 

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ