|

ۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 10- ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لەيجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1984- يىلى 4 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977- يىلى 2 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، پروفېسسور. ھازىر مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.
1972- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار مەكتىپىنىڭ چەت ئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1977- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1978- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. 1981- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنتى، پروفېسسورى (بۇمەزگىلدە 1988- يىلىدىن 1989- يىلىغىچە ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلى شۆبە مەكتىپىنى زىيارەت قىلغۇچى ئالىم بولۇپ ئوقۇغان) بولغان؛ 1989- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ، 1994- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى سىياسىي گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1998- يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 2002 - يىلىدىن 2007-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007- يىلى مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ پارتىيە 16-، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
|