باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش خې يۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 24 16:55 شىنجاڭ گېزىتى

 

   خې يۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1940- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېينىڭ چيەنشى دېگەن يېرىدىن، 1958- يىلى 12- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1967- يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرى - قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ۋە ماشىنىسازلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىنژېنېر. ھازىر مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

   1960- يىلىدىن 1967- يىلىغىچە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرى - قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ نازۇك ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ۋە ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1967- يىلىدىن 1968- يىلىغىچە مەكتەپتە تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان؛ 1968- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى‹‹238›› زاۋۇتى ئۆلچەم ئىشخانىسىنىڭ تېخنىكى بولغان؛ 1970- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى‹‹238›› زاۋۇتى زاۋۇت ئىشخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل كاتىپى بولغان؛ 1975- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ‹‹238›› زاۋۇتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى، زاۋۇت پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1978- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ‹‹238›› زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، زاۋۇت باشلىقى بولغان؛ 1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى سانائىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە قورال - ياراغ سانائىتى مىنىستىرلىكى كادىرلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1986- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە پارتىيە، ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1987- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1992- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان؛ 1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان؛ 1998- يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان؛ 2002 - يىلىدىن 2003- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان؛  2003- يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

   ئۇ 15- ، 16- ، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16- ، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى. 14- قۇرۇلتايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان،  15- ، 16- ، 17- قۇرۇلتايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلانغان. 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ