|

ۋاڭ ياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955–يىلى 3 – ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ دېگەن يېرىدە توغۇلغان. 1975–يىلى 8 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1972–يىلى 6 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان، سانائەت پەنلىرى ماگستىرى. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى .
1972–يىلىدىن 1976–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن رايونلۇق يېمەكلىك زاۋۇتىدا ئىشچى، سېخ مەسئۇلى بولغان؛ 1976–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن رايونى‹‹7 – ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، كافىدىرانىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1979–يىلىدىن 1980–يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە – تەشۋىقات كادىرلىرى كۇرسىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1980–يىلىدىن 1981–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1981–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇشيەن رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1982–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1984–يىلىدىن 1987–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1987–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1988–يىلىدىن 1992–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇڭلىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى(بۇ مەزگىلدە 1989–يىلىدىن 1992–يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىدا پارتىيە – ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان) بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ياردەمچىسى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى(بۇمەزگىلدە 1993–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتېتى باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇپ، سانائەت پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، 1997–يىلى 3 – ئايدىن 5 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)بولغان؛ 1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2003–يىلىغىچە دۆلەت تەرەققىيات – پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى(بۇ مەزگىلدە 2001–يىلى 9 – ئايدىن 11 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)بولغان؛ 2003–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، مىنىستىر دەرىجىلىك)، ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2005–يىلىدىن 2006–يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2006–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2007–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
|