باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش جاڭ دېجياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 24 16:31 شىنجاڭ گېزىتى

   جياڭ دېجياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1946 - يىلى 11 - ئايدا لياۋنىڭنىڭ تەيئەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1971- يىلى 1 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1968- يىلى 11 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

   1968- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيىسى لوزىگۇ گۇڭشېسى تەيپىڭ دادۈيىگە زىيالىي ياش بولۇپ بارغان؛ 1970- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى، ئورگان ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1972- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلىفاكۇلتېتىنىڭ چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1975- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1978- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1980- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان؛ 1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1986- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1990- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى  بولغان؛ 1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1998- يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە جيېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛  2002 - يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ ئۇ 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15- ، 16- ، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16- ، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ