باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش جاڭ گاۋلىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 24 16:25 شىنجاڭ گېزىتى

 

   جاڭ گاۋلى، ئەر، خەنزۇ، 1946- يىلى 11 - ئايدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پۇجياڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1973- يىلى 12- ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1970- يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پىلان - ستاتىستىكا كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

    1965- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پىلان - ستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1970- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە نېفىت مىنىستىرلىكى گۇاڭدۇڭ ماۋمىن نېفىت شىركىتىنىڭ ئىشچىسى، ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش شتابى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى، سىياسىي بۆلۈم ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شىركەت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1977- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە نېفىت مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق گۇاڭدۇڭ ماۋمىن نېفىت شىركىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 1 - سېخى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، يېتەكچىسى، زاۋۇت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان؛ 1980- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە نېفىت مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق ماۋمىن نېفىت سانائىتى شىركىتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1984-  يىلىدىن 1985- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە باش شىركىتى ماۋمىن نېفىت سانائىتى شىركىتىنىڭ دېرىكتورى بولغان؛ 1985- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1988- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى(1990- يىلى 4 - ئايدىن 7 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى - مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)بولغان؛ 1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1994- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2000- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2001- يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2002 - يىلىدىن 2003- يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2003- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007- يىلى تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2007- يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، پارتىيە 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، پارتىيە 16- ، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي  بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان . 
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ