|

شۈ سەيخۇ، ئەر، خەنزۇ، 1943-يىلى 6 - ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋافاڭديەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1971-يىلى 4 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1963-يىلى 8 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقان، خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ئېلېكترون - قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بار.
1963-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە خاربىن ھەربىي قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى ئېلېكترون - قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1968-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 39-جۈن دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئەمگەك بىلەن چېنىققان؛ 1970-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون مۇستەقىل شى 3- تۇەن 2 - يىڭ 6 - ليەنىدە ئەسكەر بولۇپ چېنىققان؛ 1971-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونى گارنىزون 3- شى توپچىلار تۇەنى 1 - يىڭ 2 - ليەنىدە مۇئاۋىن يېتەكچى بولغان؛ 1972-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسىنىڭ كادىرلار باشقارمىسىدا كادىر، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1980–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1982–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1984–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە شېنياڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۇسى ئاممىۋى خىزمەت بۇسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1985–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 16–جىتۇەنجۈن سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1990–يىلىدىن 1992–يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 16–جىتۇەنجۈنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، مۇدىر ياردەمچىسى قوشۇمچە ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1994–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1996–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە جىنەن ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2000–يىلىغىچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، باش سىياسىي بۇ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2000–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش سىياسىي بۇ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2004–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى، باش سىياسىي بۇ پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2004–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2005–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2007–يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 15–، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان. 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ12–يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.
|