|

ۋاڭ چىشەن، ئەر، خەنزۇ، 1948–يىلى 7– ئايدا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تيەنجىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1983–يىلى 2 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1969–يىلى 1 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئالىي ئىقتىسادشۇناس، ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.
1969–يىلىدىن 1971–يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن ناھىيىسى فېڭجۇاڭ گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛ 1971–يىلىدىن 1973–يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك مۇزېيدا ئىشلىگەن؛ 1973–يىلىدىن 1976–يىلىغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1976–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك مۇزېيدا ئىشلىگەن؛ 1979–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتى ئورنىدا پراكتىكانت تەتقىقاتچى بولغان؛ 1982–يىلىدىن 1986–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى يېزا سىياسىتى تەتقىقات ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىدە باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى، ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1986–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى يېزا سىياسىتى تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى، گوۋۇيۈەن يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە مەملىكەتلىك يېزا ئىسلاھاتى سىناق رايونى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، باشلىقى بولغان؛ 1988–يىلىدىن 1989–يىلىغىچە جۇڭگو يېزا ھاۋالە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1989––يىلىدىن 1993–يىلىغىچە جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى(بۇ مەزگىلدە 1992–يىلى 9 – ئايدىن 11 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان) بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1994–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە جۇڭگو خەلق قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان ؛ 1996–يىلىدىن 1997–يىلىغىچە جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1997–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1998–يىلىدىن 2000–يىلىغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2000–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە گوۋۇيۈەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2003–يىلىغىچە خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2003–يىلىدىن 2004–يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2004–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2007–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان .
|