باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش ليۇ يەندۇڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 24 16:02 شىنجاڭ گېزىتى

 

   ليۇ يەندۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1945– يىلى 11 - ئايدا  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1964- يىلى 7 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1970- يىلى 3 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان،جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق نەزەرىيىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن،خىزمەتتىكى ئاسپىرانت مەلۇماتىغا ئىگە قانۇنشۇناسلىق دوكتورى، ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

   1964- يىلىدىن 1970- يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش - خىمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، بۇ مەزگىلدە سىياسىي يېتەكچى بولغان؛ 1970- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى كەيپىڭ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدا ئىشچى، تېخنىك، سېخ مەسئۇلى بولغان، 1972- يىلىدىن 1978-  يىلىغىچە بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى تەجرىبە زاۋۇتىدا ئىشچى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، سېخ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، زاۋۇت پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان؛ 1978- يىلىدىن 1980-  يىلىغىچە بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى تەجرىبە زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1980- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1981- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1982- يىلىدىن 1991 - يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي  شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولغان؛ 1991 - يىلىدىن 1995- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى (1990- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىيالوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ سوتسىيالوگىيە نەزەرىيىسى ۋە مىتودلوگىيىسى كەسپىدە ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 1995- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998- يىلىدىن2001- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى(مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى(1994- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق نەزەرىيىسى كەسپىدە ئوقۇپ، دوكتورلۇق  ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 2001- يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى(مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2002 - يىلىدىن 2003- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2005- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 2007- يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. پارتىيە 15-  نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16-، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  ئەزاسى، 6 -، 8 -، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ  ئەزاسى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.  
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ