باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش ليۇ يۈنشەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 24 15:56 شىنجاڭ گېزىتى

    ليۇ يۈنشەن، ئەر، خەنزۇ، 1947–يىلى 7 – ئايدا سەنشىنىڭ شىنجۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1971–يىلى 4 –ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1966–يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

   1964–يىلىدىن 1968–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جىنىڭ پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1968–يىلىدىن 1969–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇمىد سول خوشۇنى باشىن مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، تۇمىد ئوڭ خوشۇنى سۇبۇگەي گۇڭشېسىدا ئەمگەك بىلەن چېنىققان؛ 1969–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تۇمىد ئوڭ خوشۇنى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛   1975–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىچكى موڭغۇل شۆبىسىنىڭ دېھقان، چارۋىچىلار گۇرۇپپىسىدا مۇخبىر، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، شۆبە  ئاگېنتلىق پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1981–يىلى 3 – ئايدىن 8 – ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان)؛ 1982–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1984–يىلىدىن 1986–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1986–يىلىدىن 1987–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1987–يىلىدىن 1991–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم  رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، قوشۇمچە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1991 – يىلىدىن 1992–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىفېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە چىفېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (1989–يىلىدىن 1992–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1993–يىلىدىن 1997–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1997–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان(1997–يىلى 10–ئايدا مىنىستىر دەرىجىسى بېكىتىلگەن)، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ ئۇ 12–، 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15–،  16–،17–  نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ