|

لى يۈەنچاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1950- يىلى 11 - ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنشۈي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1978- يىلى 3 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1968- يىلى 11 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
1968- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى دافېڭ ناھىيىسى شاڭخەي دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان، 1972- يىلىدىن 1974- يىلىغىچە شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1974- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك نەنچاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان،1975- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە شاڭخەي شەھىرى لۇۋەن رايونىدىكى ئىشتىن سىرتقى تېخنىكومنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ، 1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان، فاكولتېت ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان،
1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1983- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان؛ 1983- يىلىدىن 1990- يىلغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى (بۇنىڭ ئىچىدە 1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 1990- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى 1 - ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (1991 - يىلىدىن 1995- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانتلار بۆلۈمىدە ئىلمىي سوتسىيالىزم كەسپىدە ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 1996- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2000- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2001- يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002 - يىلىدىن 3002 - يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2003- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007- يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 8 - ، 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
|