|

ليۇ چى، ئەر، خەنزۇ، 1942–يىلى 11 – ئايدا تۇغۇلغان. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجىن دېگەن يېرىدىن، 1975–يىلى 9 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1968–يىلى 6 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ پولات – تۆمۈر ئىنستىتۇتى مېتاللۇرگىيە فاكۇلتېتى چۈيۈن ئېرىتىش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت، پروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.
1959–يىلىدىن 1964–يىلىغىچە بېيجىڭ پولات – تۆمۈر ئىنستىتۇتى مېتاللۇرگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پولات – تۆمۈر مېتاللۇرگىيە كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1964يىلىدىن 1968يىلىغىچە بېيجىڭ – پولات تۆمۈر ئىنستىتۇتى مېتاللۇرگىيە فاكۇلتېتى چويۇن ئېرىتىش كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 1968–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە ۋۇخەن پولات – تۆمۈر شىركىتى چويۇن ئېرىتىش زاۋۇتى 2 – دومناپېېچنىڭ گاز ئىشچىسى، پېچ ئالدى ئىشچىسى، ئىش باشلىقى بولغان؛ 1978–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە ۋۇخەن پولات – تۆمۈر شىركىتى چويۇن ئېرىتىش زاۋۇتىنىڭ 3 – دومناپېچ تېخنىكى، مۇئاۋىن پېچ باشلىقى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە ۋۇخەن پولات –تۆمۈر شىركىتى چويۇن ئېرىتىش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىركەت ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1985–يىلىدىن1990– يىلىغىچە ۋۇخەن پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ 1– مۇئاۋىن دىرېكتورى، شىركەت پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1990–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە ۋۇخەن پولات – تۆمۈر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە مېتاللۇرگىيە سانائىتى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2001–يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2001–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2003–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2003–يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15– ، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
|