|

خۇي لياڭيۈ، ئەر، خۇيزۇ، 1944–يىلى 10–ئايدا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1966–يىلى 4 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1964–يىلى 8 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادچى. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.
1961–يىلىدىن 1964–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئوقۇغان؛ 1964–يىلىدىن 1968–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى، كادىرلار، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىدە بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1968–يىلىدىن 1969–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ ناھىيىسىدىكى‹‹7 – ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلغان؛ 1969–يىلىدىن 1972–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېت سىياسىي بۆلۈمىنىڭ كادىرى، سىياسىي بۆلۈم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان؛ 1972–يىلىدىن 1974–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يۈجيا گۇڭشېسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1974–يىلىدىن 1977–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى يۈشۇ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1977–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1984–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسى بەيچىڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛ 1985–يىلىدىن 1987–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم يېزا سىياسىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان(1984–يىلىدىن 1987–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇش سىنىپى پارتىيە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئاساسىي كەسىپلەر كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 1987–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1990–يىلىدىن 1992–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. 1994–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1995–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002– يىلىدىن 2003–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2003–يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15–، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
|