باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش لى كېچياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 24 15:11 شىنجاڭ گېزىتى

 

   لى كېچياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955–يىل 7 – ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دىڭيۈەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1976–يىلى 5 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1974–يىلى 3 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، خىزمەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى،  ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.

   1974–يىلىدىن 1976–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فىڭياڭ ناھىيىسى دامياۋ گۇڭشېسىنىڭ دۇڭلىن دادۈيىدە قايتا تەربىيە ئالغان ؛ 1976–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فىڭياڭ ناھىيىسى دامياۋ گۇڭشېسىنىڭ دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1978–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان؛ 1982–يىلدىن 1983–يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛  1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان؛   1985–يىلىدىن 1993––يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى(بۇمەزگىلدە  1991–يىلى 9 – ئايدىن 11 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان)بولغان؛  1993–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى(1988–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق  ماگېستىرى، دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان)بولغان؛  1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛  1999–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2003–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛  2003–يىلىدىن 2004–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2004–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛  2005–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى،  ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى،  ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان،  پارتىيە 15–، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ