باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش شى جىنپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 23 18:57 شىنجاڭ گېزىتى

   شى جىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953–يىلى 6  –ئايدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فۇپىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1974–يىلى 1 – ئايدا  پارتىيىگە كىرگەن. 1969–يىلى 1 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە – ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيىۋى – سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن،  ئاسپىرانت مەلۇماتىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

   1969–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنچۈەن ناھىيىسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسىنىڭ لياڭجياخې دادۈيىدە قايتا تەربىيە ئالغان، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1975–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە چىڭخۇا ئونۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سېنتىز كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1979–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ كاتىپى بولغان(ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن)؛ 1982–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1985–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى شيامىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛ 1988–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1990–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1995–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1996–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2000–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2000–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى (1998–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە – ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيىۋى – سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىدا  ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛ 2000–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن 2003–يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 2003–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2007–يىلىدىن باشلاپ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 2007–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى،پارتىيە 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ