|

ۋاڭ لېچۈەن، ئەر، خەنزۇ، 1944–يىلى 12–ئايدا شەندۇڭنىڭ شۈگۇاڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان؛ 1966–يىلى 3– ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1965–يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 – سىياسىي كومىسسارى.
1965–يىلىدىن 1966–يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جاۋنەن ناھىيىسىدە ‹‹سوتسىيالىستىك تەربىيە›› ھەرىكىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ 1966–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شۈگۇاڭ ناھىيىسى خۇجىن گۇڭشېسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۇڭشې ئىنقىلابىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇڭشې پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭگۇەن گۇڭشې پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1975–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شۈگۇاڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1978–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى شۈگۇاڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1982–يىلىدىن 1986–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى(بۇ مەزگىلدە 1983–يىلىدىن 1986–يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)بولغان؛ 1986–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى لياۋچېڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1988–يىلىدىن 1989–يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى لياۋچېڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1989–يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1991 – يىلىدىن 1992–يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1994–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 1995–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 – سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 2002 – يىلىدىن ھازىرغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1 – سىياسىي كومىسسارى بولغان؛ 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15–، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان.
|