باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش ۋېن جياباۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 23 18:07 شىنجاڭ گېزىتى

   ۋېن جياباۋ، ئەر، خەنزۇ، 1942-يىلى 9 - ئايدا تيەنجىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1965-يىلى 4 -ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1967-يىلى 9 -ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىلار كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانت، ئىنژېنېر. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى گېئولوگىيىلىك قېزىلما بايلىقلار 1 -  فاكۇلتېتىنىڭ گېئولوگىيىلىك ئۆلچەش- كان ئىزدەش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1965-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 1968-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسى گېئولوگىيە دىنامىكىسى ئەترىتىدە تېخنىك، سىياسىي كادىر، ئەترەت سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان؛ 1978-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسى گېئولوگىيە دىنامىكىسى ئەترىتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولغان؛ 1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىدە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، ئىنژېنېر بولغان؛ 1981-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار مىنىستىرلىكى سىياسەت - نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 1983-يىلىدىن  1985- يىلىغىچە گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىقلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛ 1986-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى بولغان؛  1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى، قوشۇمچە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1992-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1993-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1997-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998-يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى  كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛  2002 - يىلىدىن 2003-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمىتى  كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2003-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. پارتىيە  13-,14-،15- , 16-،17-  نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى، 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 15-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 16-،17- نۆۋەتلىك  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ