|

ۋۇ باڭگو، ئەر، خەنزۇ، 1941-يىلى 7 –ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېيدۇڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1964–يىلى 4 –ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1966–يىلى 9– ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئو ئېلېكترون فاكۇلتېتى ۋاكۇئۇم ئېلېكتر ئەسۋابلىرى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئىنژېنېر. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى. 1960–يىلىدىن 1967–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئو ئېلېكترون فاكۇلتېتى ۋاكۇئۇم ئېلېكتر ئەسۋابلىرى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1967–يىلىدىن 1976–يىلىغىچە شاڭخەي ئېلېكترون لامپىسى 3 –زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى، تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن، تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان؛ 1976–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە شاڭخەي ئېلېكترون لامپىسى 3 –زاۋۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، زاۋۇت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، زاۋۇت باشلىقى بولغان؛
1978–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك ئېلېكترون دېتاللار سانائىتى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1979–يىلىدىن 1981–يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك ۋاكۇئۇم ئېلېكتر ئەسۋابلىرى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1981–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك ئۆلچەش ئەسۋابلىرى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم پەن–تېخنىكا خىزمىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1985–يىلىدىن 1991– يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1991 –يىلىدىن 1992–يىلىغىچە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1994–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1995–يىلىدىن 1997–يىلىغىچە مەركىزىي كومېتىت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان؛ 1997–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان؛ 1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېتت چوڭ –كارخانىلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2002 –يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت كارخانىلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002 –يىلىدىن 2003–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت كارخانىلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2003–يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ پارتىيە 12–، 13–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 14–،15–،16–،17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى ، 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان، پارتىيە 14–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 –ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا تولۇقلانغان، 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 16–،17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان.
|