باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش جيا چىڭلىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 23 17:52 شىنجاڭ گېزىتى

   

   جيا چىڭلىن، ئەر، خەنزۇ، 1940-يىلى 3 – ئايدا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بوتۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1959–يىلى 12–ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1962–يىلى 10–ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، خېبېي سانائەت ئىنستىتۇتى ئېلېكتر فاكۇلتېتىنىڭ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھىلەش – ياساش كەسپىنى پۈتكۈزگەن. ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. ئالىي ئىنژېنېر. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10–نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.  1956–يىلىدىن 1958–يىلىغىچە شىجياجۇاڭ سانائەت باشقۇرۇش مەكتىپىنىڭ سانائەت كارخانىلىرىنى پىلانلاش كەسپىدە ئوقۇغان؛  1958–يىلىدىن 1962–يىلىغىچە خېبېي سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكتر فاكۇلتېتىدا ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھىلەش ۋە ياساش كەسپىدە ئوقۇغان. 1962–يىلىدىن 1969–يىلىغىچە 1 – ماشىنىسازلىق مىنىستىرلىكىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش باش ئىدارىسىدە تېخنىك، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1969–يىلىدىن 1971–يىلىغىچە 1 – ماشىنىسازلىق مىنىستىرلىكىنىڭ جياڭشىنىڭ فېڭشىڭ دېگەن يېرىدىكى‹‹7 – ماي›› كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلغان؛  1971–يىلىدىن 1973–يىلىغىچە 1 – ماشىنىسازلىق مىنىستىرلىكى بەنگۇڭتىڭىنىڭ سىياسەت تەتقىقات بۆلۈمىدە تېخنىك بولغان؛ 1973–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە 1 – ماشىنىسازلىق مىنىستىرلىكى مەھسۇلات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان؛  1978–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە جۇڭگو ماشىنا  ئۈسكۈنە ئىمپورت – ئېكسپورت باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار زاۋۇتىنىڭ باشلىقى، پارتكوم شۇجىسى بولغان؛ 1985–يىلىدىن 1986–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1986–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1988–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛  0991   يىلىدىن 1991   يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛  1991–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛  1994–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1996يىلىدىن 1997–يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 1997–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 1999–يىلىدىن 2002 –  يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2002 –  يىلىدىن 2003–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2003–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10–نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان .

   پارتىيە  14–، 15–، 16– ،17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 16–،17–  نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى.
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ