باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>تېز ئۇچۇرلار
يولداش لى چاڭچۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
2007- 10- 23 17:41 شىنجاڭ گېزىتى

   لى چاڭچۈن، ئەر، خەنزۇ، 1944-يىلى 2  –ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىن، 1965–يىلى 9 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1966–يىلى 9 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترون – ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتىنىڭ سانائەت كارخانىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىنژېنېر.

   ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

   1961–يىلىدىن 1966–يىلىغىچە خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكترون – ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتى سانائەت كارخانىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1966–يىلىدىن 1968–يىلىغىچە مەكتەپتە تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان؛ 1968–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ۋېكليۇچاتېل زاۋۇتىدا تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن؛  1975–يىلىدىن 1980–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئېلېكتر ئەسۋابلىرى سانائىتى شىركىتى ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شېنياڭ شەھەرلىك ئېلېكتر ئەسۋابلىرىنى تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، دىرېكتورى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1980–يىلىدىن 1981–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ماشىنىسازلىق  ئېلېكترون سانائىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1981–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛  1982–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە شەھەرلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛ 1985–يىلىدىن 1986–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە شېنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1986–يىلىدىن 1987–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛  1987–يىلىدىن  1990–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1990–يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1991 – يىلىدىن 1992–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛  1993–يىلىدىن 1997–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1997–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛  1998–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛  2002 – يىلىدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛  12–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 13–، 14–، 15–، 16– ،17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى،  16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ