|

خۇ جىنتاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1942-يىل 12-ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جىشى دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان ، 1964–يىلى 4 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1965–يىلى 7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى دەريا تۈگۈنى ئېلېكتر ئىستانسىسى كەسپىنى پۈتكۈزگەن. ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئىنژېنېر. ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى. 1959–يىلىدىن 1964–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1964–يىلىدىن 1965–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ھەم سىياسىي يېتەكچى 1965–يىلىدىن 1968–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىدا پەن – تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشقان ھەم سىياسىي يېتەكچى بولغان(‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››باشلانغاندىن كېيىن توختاپ قالغان)؛ 1968–يىلىدىن 1969–يىلىغىچە سۇ – ئېلېكتر مىنىستىرلىكى ليۇجياشا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئۆي قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئەمگەك قىلغان؛ 1969–يىلىدىن 1974–يىلىغىچە سۇ – ئېلېكتر مىنىستىرلىكى 4 –قۇرۇلۇش ئىدارىسى 813–شۆبە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكى، كاتىپى، ئورگان پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1974–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان؛ 1975–يىلىدىن 1980–يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى لايىھىلەش، باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1980–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى(1982–يىلى 9 – ئايدىن 1982–يىلى 12–ئايغىچە) بولغان؛ 1982–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان؛ 1984–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى بولغان؛1985– يىلىدىن 1988–يىلىغىچە گۈيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، گۈيجۇ ئۆلكىلىك ھەربىي رايون پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى بولغان؛ 1988–يىلىدىن 1992–يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىزاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى بولغان؛ 1992–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1993–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان؛1999– يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2002–يىلىدىن 2003–يىلغىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى(2002 –يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ ئۆتىمىگەن)بولغان؛ 2003–يىلىدىن 2004–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2004–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛
2005–يىلى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان، پارتىيە 12–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، ئەزاسى، پارتىيە 13–، 14–، 15–، 16–17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە 14–، 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولغان، پارتىيە 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلانغان، 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–سانلىق يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1– يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1– ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان.
|