|

كۆرۈشۈشكە ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، زېڭ چىڭخۇڭ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە جياڭ زېمىن قاتارلىق يولداشلار 22– ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن‹‹خەلق›› سارىيىدا پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر، شۇنىڭدەك سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، زېڭ چىڭخۇڭ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
‹‹خەلق››سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، بايرام تۈسىنى ئالغانىدى. يولداش خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈش زالىغا كىرگەندە، پۈتۈن زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن قاتارلىقلار زالنى ئايلىنىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئالدىنقى نەچچە رەتتە ئولتۇرغان يولداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتى. ۋەكىللەر ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، يولداش خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىنلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. چوڭ زالنىڭ ئىچىدە، ئالقىش سادالىرى خېلى ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، قەلبلەردە چىن ھېسسىيات ئۇرغۇدى.
ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، ۋاڭ چىشەن، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ۋۇ يى، ۋاڭ ياڭ، جاڭ گاۋلى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، بو شىلەي، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۇيخۇەن، ۋېي جيەنشىڭ، لى لەنچىڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لو گەن، خې يۇڭ، لىڭ جىخۇا، ۋاڭ خۇنىڭلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
|