|
خۇ جىنتاۋ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى
خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى
يولداش خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1– ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى(2007–يىل 10–ئاينىڭ 22 – كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1– ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنى 2007–يىل 10–ئاينىڭ 22 – كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 204كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 166كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يولداش خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى سايلاپ چىقىلدى؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار بەلگىلەندى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1–ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلار ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى تەستىقلاندى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى (خەنزۇچە فامىلە خەت سىزىقىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بويىچە تىزىلدى)
شى جىنپىڭ، ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، ۋاڭ چىشەن، خۇي لياڭيۈ (خۇيزۇ)، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، ليۇ يەندۇڭ (ئايال)، لى چاڭچۈن، لى كېچياڭ، لى يۈەنچاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋاڭ ياڭ، جاڭ گاۋلى، جاڭ دېجياڭ، جۇ يۇڭكاڭ، خۇ جىنتاۋ، يۈ جېڭشېڭ، خې گوچياڭ، جيا چىڭلىن، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، ۋېن جياباۋ، بو شىلەي
2. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى

خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ
3. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى
خۇ جىنتاۋ
4. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى
شى جىنپىڭ، ليۇ يۈنشەن، لى يۈەنچاۋ، خې يۇڭ، لىڭ جىخۇا، ۋاڭ خۇنىڭ
5. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى
رەئىسى: خۇ جىنتاۋ
مۇئاۋىن رەئىسلىرى: گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ
ئەزالىرى: لياڭ گۇاڭليې، چېن بىڭدې، لى جىنەي، لياۋ شىلۇڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، جىڭ جىيۈەن، ۋۇ شېڭلى، شۈ چىلياڭ
6. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى
شۇجىسى: خې گوچياڭ
مۇئاۋىن شۇجىلىرى: خې يۇڭ، جاڭ خۇيشىن، ما ۋېن (ئايال)، سۈن جۇڭتۇڭ، گەن يىشېڭ، جاڭ يى، خۇاڭ شۇشيەن، لى يۈفۇ
دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى: (خەنزۇچە فامىلە خەت سىزىقىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بويىچە تىزىلدى)
گەن يىشېڭ، ما ۋېن (ئايال)، ۋاڭ ۋېي، لىڭ خۇئەن، سۈن جۇڭتۇڭ، دۇ شۆفاڭ (ئايال)، لى يۈفۇ، ۋۇ يۈلياڭ، ۋۇ يۈپىڭ (ئايال)، چيۇ شۆچياڭ، خې يۇڭ، جاڭ جۈن، جاڭ يى، جاڭ جىنەن، جاڭ خۇيشىن، چۈ ۋەنشياڭ، خې گوچياڭ، خۇاڭ شۇشيەن، سەي جىخۇا
|