باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>باش خەۋەر
خۇجېنتاۋ قاتارلىق 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى
2007- 10- 22 16:03 تەڭرىتاغ تورى

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى) 

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 22 –ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك 1– ئومۇمىي يىغىنىدا خۇجېنتاۋ جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى ، خۇجېنتاۋ ، ۋۇ باڭگۇ ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ۋە  جۇ يوڭكاڭلار  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى  .  پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىندا سايلاپ چىقىلغان خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 22 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، بېيجىڭ‹‹خەلق››سارىيىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن  500 دىن ئارتۇق مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .

      خۇجېنتاۋ ئالدى بىلەن مۇخبىرلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان 8 نەپەر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى مۇخبىرلارغا تۇنۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۇردى : بىزنىڭ زىممىمىزدىكى يۈك ۋە مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى . بىز پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تايىنىپ ، پارتىيىنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۇرۇپ ، پارتىيىنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىزدىن كۈتكۈن ئۈمىدىنى تىرىشىپ ئاقلايمىز .

   خۇ جىنتاۋ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۇردى : پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، يېڭىلىق يارىتىپ ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو خەلقىنىڭ  تېخىمۇ گۈزەل ۋە بەختىيار ئەتىسىنى يارىتىدۇ ، جۇڭخۈا مىللەتلىرى  ئىنسانىيەتنىڭ تىنىچلىق ۋە تەرەققىيات يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقۇسى .

 خۇجىنتاۋ ئاخىرىدا ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۇردى .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ