|
قۇرۇلتايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى .

16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار،‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)››توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى .

يولداش خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
يولداش خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم قۇرۇلتاينىڭ قارالمىلىرى ئورۇندالغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى .
قۇرۇلتاي پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىققان ھەم پارتىيە 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)›› توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.
پارتىيىنىڭ 17–قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

خۇ جىنتاۋ، جياڭ زېمىن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۈن، لو گەن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، ۋۇ يى، جاڭ لىچاڭ، جاڭ دېجياڭ، جۇ يۇڭكاڭ، يۈ جېڭشېڭ، خې گوچياڭ، گو بوشيۇڭ، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۇيخۇەن، سۇڭ پىڭ، ۋېي جيەنشىڭ، لى لەنچىڭ، شۈ سەيخۇ، خې يۇڭ، ۋاڭ جۇڭيۈ قاتارلىق قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
قۇرۇلتاي ئالدى بىلەن ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە 36بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى.

باش بېلەت نازارەتچىلىرى بىلەن بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارىتىدە، قۇرۇلتايغا قاتناشقان 2235ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل ئىمزاسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 204ئەزا، 167كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلىدى ھەم مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 127ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.
سائەت 11دىن 36مىنۇت ئۆتكەندە، خۇ جىنتاۋ 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، زالدا ئۇزاققىچە گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
ئارقىدىن قۇرۇلتاي 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. يولداش خۇ جىنتاۋ ۋەكىللىكىدىكى 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى تەستىقلىدى. قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: دوكلاتتا پارتىيىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا قانداق بايراق كۆتۈرۈشى، قانداق يولغا مېڭىشى، قانداق روھىي قىياپەت بىلەن قانداق تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلىپتۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويۇلۇپتۇ. دوكلاتتا يېڭى دەۋر شارائىتتا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلۈپتۇ، بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ، دوكلات پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى باشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش پەللىسىدىن چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى، ماركسىزملىق پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.
قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: دوكلاتتا شەرھلەنگەن قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي تېمىسى پارتىيىمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشى، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيىدىكىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.
قۇرۇلتاي 16–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. قۇرۇلتاي دوكلاتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي يەكۈنگە قوشۇلدى.
قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىشى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.
قۇرۇلتاي دوكلاتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.
قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمىننى ئاۋمىنلىقلار ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى تىنچ تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت سائادىتىنى، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقىنى كۆزلەش كېرەك. قۇرۇلتاي دوكلاتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلگە ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تاشقى ئىشلار خىزمىتى فاڭجېنىغا قوشۇلدى.
قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى جەزمەن غول لىنىيە قىلىپ، پارتىيىنىڭ ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۇشەققەتلىكىنى چوقۇم تولۇق تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، چىرىكلىككە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى كېرەك.
قۇرۇلتايدا مۇنداق تەكىتلەندى: بىز چوقۇم تىنچ مۇھىتتىمۇ خەتەرنى ئويلاپ، خەۋپ ئېڭىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىراقسانلىقتىن جەزمەن ساقلىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىمىز، چوقۇم قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىشىمىز، چوقۇم ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەتكە ئېتىبار بېرىپ، بارلىق جاپا مۇشەققەت ۋە توسقۇنلۇقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋە تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
قۇرۇلتايدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قۇرۇلتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
قۇرۇلتايدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)›› توغرىسىدىكى قارار ماقۇللىنىپ، بۇ تۈزىتىلمىنىڭ ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇشى قارار قىلىندى.
قۇرۇلتاي تۈرلۈك قارالمىلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، يولداش خۇ جىنتاۋ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلدى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىلدى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولدى. بۇ قۇرۇلتاي ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇرۇلتىيى بولدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان زور قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلار، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ ۋە ئىنتايىن زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىگە ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بېكىتىلدى، بۇ پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىگە قويۇلغان يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ. پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيىسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھەقىقىي ئۆگىنىشىمىز، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشىمىز، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، پارتىيە نىزامنامىسىنى قوغدىشىمىز كېرەك؛ چوقۇم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، ۋەكىللىك ھوقۇقىمىزنى توغرا يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك؛ چوقۇم نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چارە تەدبىر كۆرسىتىشىمىز، تۆھپە قوشۇشىمىز، ھەرگىزمۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە زور ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈشكە، پارتىيىمىز تۈرلۈك جاپا مۇشەققەتلەر نەتىجىسىدە ياراتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا، ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا››دىن ئىبارەت ئاساسىي لۇشيەندە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى، بۇ بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدا بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ خەتەرلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا تەۋرەنمەي يېتىپ، خەلقنى يېتەكلەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 17–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.
قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك ‹‹ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى›› ساداسى ئىچىدە غەلىبىلىك يېپىلدى.

|