|
ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مىرزايىپ دوستمۇھەممەد
17–- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈرەش نىشانى، ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تەرەققىياتنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىش ئىدىيىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.
مەن مۇنداق ئۈچ تەسىراتقا ئىگە بولدۇم: بىرىنچى، پارتىيىمىز بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىپ، بارغانسېرى قۇدرەت تېپىپ، بارغانسېرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشمەكتە. مەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئىككىنچى، دوكلاتتا خەلقنى سۆيۈش ئۇلۇغۋار غايىسى نامايان قىلىنىپ، مەيلى ئىلگىرىكى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا بولسۇن، باشتىن - ئاخىر مىللەتلەرنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىپ گۈللىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ. ئۈچىنچى، پارتىيە ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئىدىيىسى نامايان قىلىنىپتۇ، خەلق رايى ۋە دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتۇرۇلۇپتۇ. شىنجاڭنىڭ ئاشلىق خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشتە سەل ئېشىنچىسى بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەخمىنەن 11 مىليون مو بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىشقا بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇۋاپىق سېتىۋېلىش - سېتىش باھا سىستېمىسى تۈزۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
|