باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>قىسقا خەۋەرلەر
خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك
2007- 10- 22 17:21 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەر ھامۇت

   يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى نامايان قىلىنغان. مەن تامامەن ھىمايە قىلىمەن.

   دوكلاتنى ئاڭلاپ مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەسىراتقا ئىگە بولدۇم: 1. ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش قارىشىنى تىكلەش ئىنتايىن قىممەتلىك ئىدىيە بولۇپ، بۇنىڭدا مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، پۇرسەتنى چىڭ ئىگىلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. 2. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

   ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېزدىن كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاشۇرۇلما قىممەتنى كۆپەيتىش، بايلىقنى تېجەش، بۇلغىنىشنى ئازايتىش كېرەك. 3. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىغا كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. 4. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ پۈتۈن ئېلىمىزگە ئوخشاش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان تۈرلۈك ئىشلاردا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مۇقىم، ئىناق ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ۋە راۋاجلىنىپ، پارتىيىنىڭ، سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بىز 17- قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمىتىمىزنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.  

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ