باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>قىسقا خەۋەرلەر
پارتىيىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى، تېخىمۇ ئەقىل - ئىدراكقا تولدى ۋە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى
2007- 10- 22 17:19 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ  رەئىسى فاڭ مىن

   ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 17–- قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ ئىنتايىن چوڭ تەربىيىگە ئىگە بولدۇم ۋە ئىلھام ئالدىم.

   يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا چوڭ سىياسەت، فاڭجېن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ روشەن بايرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 16- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا خۇلاسىلەندى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەندى، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە سەمىمىي، كونكرېت كۆڭۈل بۆلۈندى، پارتىيىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، تېخىمۇ ئەقىل - ئىدراكقا تولغانلىقى ۋە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى نامايان قىلىندى.

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، بۇنى كارخانىلاردا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ پائال قانات يايدۇرۇلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ قايتىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي، قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىمەن.    
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ