باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>قىسقا خەۋەرلەر
نىشان ۋە ۋەزىپە يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ
2007- 10- 22 17:14 شىنجاڭ گېزىتى

   تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ جيارۈي

   تۇنجى قېتىم پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقاچقا ناھايىتى ھاياجانلاندىم، يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نىشان ۋە ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم، مېنىڭچە، 17- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چوقۇم ئۇنى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار يوليورۇقلىرىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىرلىككە كەلتۈرۈش›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، ئىدىيىۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن تارباغاتاينىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق كىرگۈزۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئەستايىدىل پىلانلاش كېرەك. ئىككىنچى، خىزمەت تەسەۋۇرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋىلايەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى بىلەن رايونلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مەركەزنىڭ سىياسىي جەھەتتىن قوللىشىنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق، رايون ئورنى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئەۋزەللىكى بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەت تەدبىرى قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئىدىيىۋى خىزمەت ئىستىلى بىلەن روھىي ھالەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يېڭىلاپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ