باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>17–قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى>>قىسقا خەۋەرلەر
17– قۇرۇلتاي روھىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرىمىز
2007- 10- 22 17:13 شىنجاڭ گېزىتى

   بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى چۆجۈپ

   17- قۇرۇلتاي دوكلاتىغا پۈتۈن پارتىيىدىكىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپتۇ، دوكلاتنىڭ ئىدىيىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلۈپتۇ، دوكلات بۇنىڭدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىزنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. دوكلاتتا مۇنداق بەش ئالاھىدىلىك بار: بىرىنچى، تېمىسى ئىنتايىن روشەن، ئىككىنچى، 16- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەتلەر يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلانغان، ئۈچىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ خۇلاسىلەنگەن، تۆتىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، بەشىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

   پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىكلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە 17- قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرىمەن.
 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ